ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىغا ئىئانە چاقىرىقى

ئىسلام سوئال جاۋاپ تورىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا مۇسۇلمانلارنىڭ خىزمىتىنى داۋاملاشتۇرىلىشى ئۈچۈن –ئىسلام سوئال جاۋاپ سەھىپىسىگە ئىئانە قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.

رامزاندا تىرناق ئېلىش ۋە سۈننەت قىلىشنىڭ روزا بىلەن ئالاقىسى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا

03-04-2024

سۇئال 14030

 روزىدار كىشى رامزاندا تىرناق ئالسا ياكى سۈننەت قىلسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ رەببى بولغان ئاللاھقا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ۋە قىيامەتكىچە ئۇلارغا ئەگەشكەن كىشىلەرگە ئاللاھنىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     بۇ خۇسۇسەن روزىدارغا ۋاجىپ بولىدىغان ئىشلاردىن ئەمەس، شۇنداقلا روزىغا زىت كېلىدىغان ئىشمۇ ئەمەس، روزىدار پەقەت يېمەك، ئىچمەك ۋە جىنسى مۇناسىۋەت قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلىنىدۇ، ئۇ روزىنى بۇزىدىغان ئىشلار ھېسابلىنىدۇ. غەيۋەت، سۇخەنچىلىك قاتارلىق گۇناھ-مەسىيەت، مۇنكەر ئىشلار روزىنىڭ ساۋابىنى كېمەيتىۋېتىدىغان ئامىللاردۇر، ئەمما تىرناق ئېلىش، سۈننەت قىلىش قاتارلىق ئىشلار تەبىئىي پىترەت بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن شەرىئەت ئەڭ كۆپ بولغاندا قىرىق كۈن ۋاقىت بېكىتكەن، بۇنىڭ روزىنىڭ توغرا بولۇش بولماسلىقى بىلەن ھېچ ئالاقىسى يوق.

  ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

روزا تۇتقۇچى ئۈچۈن دۇرۇس بولغان ئىشلار
« ئىسلام سۇئال جاۋاپ تورى » دىن كۆرۈش