پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئاياللار ئەرلەر بىلەن ساۋاپ ۋە جازادا باراۋەرمۇ

تارقاتقان ۋاقىت : 15-02-2007

كۆرگۈچىلەر : 7382

سۇئال

بەزى كىشىلەر : ئاياللار ئەقىل ، دىن ، مىراس ۋە گۇۋاھلىق بىرىش جەھەتتە كەمتۈك دەيدۇ . ۋە بەزىلەر : ئاللاھ ئۇلارنى ساۋاپ ۋە جازادا باراۋەر قىلدى دەيدۇ . شۇڭا ئۇلار ئىسلام شەرىئىتىدە كەمتۈكمۇ-يوق ، قارىشىڭلار قانداق ؟

جاۋاپنىڭ تىكىستى

مەدھىيە ئاللاھقا بولسۇن .
ئىسلام شەرىئىتى ئايالنى ھۆرمەتلەپ كەلدى ، ئۇنىڭ ئورنىنى كۆتۈردى ، ئۇنى ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا قويدى ، ئۇنى ئاسرىدى ، ھەمدە ئۇلارنىڭ ھەق-ھۆرمىتىنى قوغدىدى . شۇنىڭ بىلەن ئىسلام ئايالنىڭ ئىگە-چاقىسىنى ۋە ئېرىنى ئۇنىڭ چىقىمىنى قىلىشقا ، ھالىدىن ياخشى خەۋەر ئىلىشقا ، ئۇنى ئاسراشقا ۋە ئۇنڭغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا بۇيرىدى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ئۇلار بىلەن ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈڭلار [ نىسا(ئاياللار): 19 ]
ئىسپاتلاندىكى ، پەيغەمبەر(ئاللاھنىڭ تەربىيلىشى ۋە ئامانلىق ئۇنىڭغا بولسۇن ) مۇنداق دىگەن : سىلەرنىڭ ياخشىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى بولغانلار . ھەمدە مانا مەن سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردا ئايالىمغا ياخشىمەن . [ تىرمىزىي نەقىل قىلغان ، 5709 ، 3895 ]
ھەمدە ئىسلام ئايالغا ئۇنىڭغا مۇناسىپ كىلىدىغان بارلىق ھوقۇقلارنى بەردى ھەمدە ئۇلارغا ئىشلىرىنى مۇۋاپىق ئۇسۇلدا بىر تەرەپ قىلىشقا رۇخسەت قىلدى . ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ظاياللعرع ظىستعدة ظةرلةرنعث هةقلعرع بولغعنعدةك، ظةرلعرع ظىستعدة ظاياللارنعثمذ هةقلعرع بار (يةنع ظاياللار مذؤاصعق دةرعجعدة هوقذقتعن بةهرعمةن بولذشع كئرةك ،مذؤاصعق دةرعجعدة مةجبذرعيةتمذ ظأتعشع كئرةك ).(ظاياللارغا مةهرع بئرعش ؤة ظذلارنعث تذرمذشعنع قامداش مةجبذرعيةتلعرع ظةرلةرضة يىكلةنضةنلعكتعن ) ظةرلةر ظاياللاردعن بعر دةرعجة ظارتذقلذققا ظعضة .الله غالعصتذر .هئكمةت بعلةن ظعش قعلغذحعدذر . [ بەقەرە(ئىنەك ) : 228 ]
بۇ بارلىق مۇئامىلىلەرنى ، سىتىۋىلىش ، سىتىش ، ياراشتۇرۇش ، ۋەكىل قىلىش ، ئارىيەت بىرىش ، ئامانەتكە قويۇش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ .
ئىسلام ئۇنىڭغا ئىبادەتلەر ۋە مەجبۇرىيەتلەردىن ئۇنىڭغا مۇناسىپ كىلىدىغىنىنى ۋاجىپ قىلدى ، ئەر كىشىگەئوخشاش ۋاجىپ ئىشلار بولسا پاكلىنىش ، زاكات ، ناماز ، روزا ، ھەج ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش ئىبادەتلەر .
بىراق ئىسلام مىراسقا كەلگەندە ئايالغا ئەرنىڭ ئۈلىشىنىڭ يىرىمىنى بىكىتتى ، چۈنكى ئۇنىڭ ئۆزىگە ، ياكى ئۆيىگە ۋە ياكى بالىلىرىغا چىقىم قىلىش مەجبۇرىيتى يوق . ئۇنىڭ مەجبۇرىيتى ئەردە . ۋە شۇنىڭدەك ئەركىشى مىھمانلارغا چىقىم قىلىشقا ، قۇتقۇزۇش پۇلىنى(دىيەت) بىرىشكە ، ھەمدە توقۇنىشىپ قالغان جامائەتلەر ئارىسىدىكى مۇرەسسەگە چىقىم قىلىشقا مەسئۇل .
بەزى ئەھۋاللاردا ئىككى ئايالنىڭ گۇۋاھلىقىنىڭ بىر ئەرنىڭ گۇۋاھلىقىغا تەڭ بولۇشىغا كەلسەك ، بۇنىڭ سەۋەبى ئايال كىشى ئۆزىدىكى ھەيىز ، ھامىلدارلىق ، تۇغۇش ، بالىلارنى بىقىش قاتارلىق تەبىئىي ئايلىنىشلار سەۋەپلىك ئەرلەرگە قارىغاندا بەكرەك ئۇنتۇغاق كىلىدۇ . بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ كاللىسىنى ئىگەللىۋالىدۇ ھەمدە ئۇنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ . شۇڭلاشقا شەرئى دەلىلەر كۆرسەتتىكى ، يەنە بىر ئايال بىر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقىنى كۈچەيتىدۇ ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تىخمۇ توغرا بولىدۇ . بىراق يەنە پەقەت ئاياللارغىلا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار بولۇپ ، ئۇنىڭدا بىر ئايالنىڭ گۇۋاھلىقى يىتەرلىك بولىدۇ . مەسىلەن ، بالا قانچە قىتىم ئىمىتىلگەنلىكىنى ، تويغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەيىپلەر ۋە باشقىلارنى ئىنىقلاش .
ئايال ئەجىردە، ئىماندا چىڭ تۇرۇشتا ، يارام ئىشلارنى قىلىشتا ، بۇ دۇنيادا ياخشى تۇرمۇشتىن، ئاخىرەتتە كاتتا مۇكاپاتتىن بەھرىمەن بولۇشتا ئەر بىلەن باراۋەر .
ئاللاھ مۇنداق دىگەن : ظةر - ظايال مأمعنلةردعن كعمكع ياخشع ظةمةل قعلعدعكةن، بعز ظذنع ظةلؤةتتة (دذنيادا قاناظةتحانلعق، هالال رعزعق ؤة ياخشع ظةمةللةرضة مذؤةصصةق قعلعص) ظوبدان ياشعتعمعز، ظذلارغا، ظةلؤةتتة، قعلغان ظةمةلعدعنمذ ياخشعراق ساؤاب بئرعمعز . [ نەھىل(ھەسەلھەرىسى ): 97 ]
شۇنىڭ بىلەن بىلدۇقكى ، ئايالنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرى بار ۋە مەجبۇرىيەتلىرى بار ، ۋە شۇنىڭدەك ئەرنىڭمۇ ھەق-ھوقۇقلىرى ۋە مەجبۇرىيەتلىرى بار . ھەمدە يەنە ئەرلەرگە ماس كىلىدىغان ئىشلار بار بولۇپ ، ئاللاھ ئۇ ئىشلارنى ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيتى قىلدى ، شۇنىڭدەك ئاياللارغا ماس كىلىدىغان ئىشلار بار بولۇپ ، ئۇ ئۇلارنى ئاياللارنىڭ مەسئۇلىيتى قىلدى .
ھەمدە ئاللاھ كۈچ-قۇۋۋەتنىڭ مەنبىيى .
[ ئىلمى تەتقىقات ۋە فەتىۋا بىرىش دائىمى كومىتىتى 717 ]

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى