جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

كەمبەغەللىكتىن قورقۇپ بالا ئىلىشتىن چەكلىنىش توغرىسىدا

تارقاتقان ۋاقىت : 03-08-2010

كۆرگۈچىلەر : 7010

سۇئال

سوئال: مەن پەرزەنتلىك بولسام ئائىلىدە باللىرىمغا ئىسلامىي مۇھىت يارىتىپ بىرەلمەسلىكىمدىن قورقۇش بىلەن بىرگە، قەرزدار بولغانلىقىم سەۋەبىدىن بالا ئىلىشقا تىرىشمىدىم، چۈنكى ئۆسۈملۈك قەرزنى تۆلىمەي تۇرۇپ پەرزەنتلىك بولسام ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقلارغا دۈچ كېلىشىمدىن ئەنسىرەپ پەرزەنتلىك بولۇشنى قەزرنى تۈگەتكەندىن كېيىنگە قويدۇم. بۇ ئىشقا سىلەر قانداق قارايسىلەر؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى


بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئاللاھغا مەنسۇپتۇر. ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دەيدۇ: يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىگە رىزق بېرىشنى ئاللاھ مەرھەمەت يۈزىسىدىن ئۈستىگە ئالغان. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دەيدۇ: يەر يۈزىدىكى ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى ئۆزىنىڭ رىزقىنى كۆتۈرۈپ يۈرمەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزق بېرىدۇ، ئاللاھ بەندىلەرنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغۇچى ۋە ئەھۋالىنى بىلگۈچىدۇر. يەنە بىر ئايەتتە: ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، ئاللاھنىڭ قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر. يەنە بىر ئايەتتە: رىزقنى ئاللاھدىن تەلەپ قىلىڭلار، ئاللاھغا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە شۈكۈر ئېيتىڭلار.
ئاللاھ تائالا جاھىلىيەت دەۋرىدە نامراتچىلىقتىن قورقۇپ بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈۋەتكەن كىشىلەرنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلىرىنى توسۇپ مۇنداق دېگەن:ئەۋلادلىرىڭلارنى نامراتچىلىقتىن قورقۇپ ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگىمۇ رىزىق بىرىمىز.
ئاللاھ بەندىلەرنى ھەممە ئىشتا ئۆزىگە تەۋەككۇل قىلىشقا بۇيرىدى ۋە ئۇلارنىڭ ئىشىغا ئۆزىنىڭ كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ مۇنداق دەيدۇ: سىلەر ھەقىقى مۆمىن بولساڭلار ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلىڭلار. يەنە مۇنداق دەيدۇ: كىمكى ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ.
ھۆرمەتلىك سۇئال سورۇغۇچى قېرىندىشىم! سىز ئۆزىڭىزنىڭ ۋە ئەۋلادلىرىڭىزنىڭ رىزقىنى تەلەپ قىلىشتا پەرۋەردىگارىڭىز ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلىڭ، نامراتچىلىقتىن بولغان قورقۇنچ سىزنى بالا ئىلىش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرىنى قىلىشتىن چەكلەپ قويمىسۇن. سىزگە رىزق بەرگەن ئاللاھ ئەلۋەتتە پەرزەنتلىرىڭىزگىمۇ رىزق بېرىدۇ. ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا كائىناتتىكى پۈتۈن مەخلۇقاتلارغا رىزىق بېرىشكە ئۆزى كېپىل بولدى. نامراتچىلىقتىن قورقۇپ پەرزەنت تەلەپ قىلماسلىق بولسا جاھىلىيەت دەۋرىدىكى كىشىلەرگە ئوخشاپ قالغانلىقتۇر.
ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم! بىلىڭكى ئۆسۈم تۆلەش بەدىلىگە قەرز ئېلىش جازانىخورلۇقتىن ئىبارەت بولۇپ، ئاللاھ تائالا بۇ ئىشنى قىلغانلارغا ئەلەملىك ئازابنى ۋەدە قىلدى، بۇ ئىنساننى ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدىغان يەتتە تۈرلۈك چوڭ گۇناھنىڭ بىرىدۇر. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ: يەتتە تۈرلۈك ھالاكەتكە ئىلىپ بارىدىغان گۇناھلاردىن ساقلىنىڭلار، جازانە يېگۈچى شۇنىڭ بىرىدۇر . يەنە بىر ھەدىستە: ئاللاھ جازانە يېگۈچى ۋە جازانىگە ۋەكىل بولغۇچىغا ..... لەنەت قىلدى. ھەقىقەتەن جازانە يېيىش دېگەن مالنىڭ بەرىكىتىنى يوقىتىدىغان، نامراتچىلىقنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئاللاھ تائالا بۇ ھەقتە مۇنداق دېگەن: ئاللاھ جازانىنىڭ بەرىكىتىنى ئۆچۈرىۋېتىدۇ، سەدىقىنىڭ بەرىكىتىنى زىيادە قىلىدۇ. بىزنىڭ قارىشىمىزدا سىز ئۆسۈم بىلەن قەرز ئېلىشنىڭ شەرئىي ھۆكمىنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلمىسىڭىز كېرەك، ئىلگىرىكى ئىشلار ئۈچۈن ئاللاھدىن كەچۈرۈم سوراڭ، بۇ ئىشنى قايتا تەكرارلىماڭ، سەبىر قىلىڭ، ئاللاھنىڭ بۇ قىيىنچىلىقنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىنى كۈتۈڭ، رىزقنى ئاللاھدىن تەلەپ قىلىڭ، ئاللاھغا تەۋەككۇل قىلىپ پەرزەنتلىك بولۇشقا تىرىشىڭ، ئاللاھ تەۋەككۇل قىلغۇچىلارنى ياخشى كۆرىدۇ.
توغرىسىنى ئاللاھ بىلگۇچىدۇر.

مەنبە: www.islamqa.com