جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئىنسان نەپسىدە يامانلىق ياخشىلىقتىن غالىب كەلسە قانداق قىلىش كېرەك؟

تارقاتقان ۋاقىت : 12-08-2021

كۆرگۈچىلەر : 4375

سۇئال

ئىنسان ئۆز نەپسىدە بىر يامانلىقنى ھېس قىلسا ۋە بۇ يامانلىق ياخشىلىقتىن غالىپ كەلسە قانداق قىلىشى كېرەك؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل مەدھىيىلەر ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر.

ئىنسان ئاجىز بىر مەخلۇق بولۇپ، ھاياتى دۇنيادا ياخشىلىق-يامانلىقلارغا دۇچ كېلىدۇ، ئىنساننىڭ نەپسى ئاجىزلاشقاندا، ئاجىزلىق ئۇنى توغرا يولدىن رەزىللىك-پەسكەشلىككە، باشقىلارغا زۇلۇم قىلىش ۋە ھەددىدىن ئېشىشقا ئىلىپ بارىدۇ. شەيتان ئۇنىڭ ناچار قىلمىشلىرىنى رەڭلەپ چىرايلىق كۆرسىتىدۇ، توغرا بولمىغان ئىشلارنى ياخىشى دەپ قىزىقتۇرىدۇ. لېكىن شۇ ۋاقىتتا ئىنسان جىسىمدىكى ياخشىلىق ئېلېمىنتلىرى ئۇنىڭ قەلبىنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، ياخشىلىققا يۈزلەندۈرىدۇ، قىلمىشىغا پۇشايمان قىلدۇرىدۇ، توغرا يولغا قايتىشقا رىغبەتلەندۈرىدۇ، ئەقىلنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇشقا ئۈندەيدۇ.

ئىنسانلارنىڭ شەيتانغا قارشى تۇرۇشقۇدرىتى، كەسكىن ئىرادىلىرى، قەلب سۈزۈكلۈكى ۋە مەنىۋىي ساپلىقى ئوخشاش بولمايدۇ. بەزى كىشىلەر ئۆزىنى ئېسىل-پەزىلەتلىك يوللاردا مېڭىش، گۈزەل ئەخلاق-پەزىلەت بىلەن تەربىيىلەشكە، نەپسى شەھۋەتلىرىگە قارشى تۇرۇش، توغرا يولدىن چەتنىمەسلىككە ئادەتلەندۈرۈپلا قالماستىن بەلكىنەپسىنى ئىنساپلىق، دۇرۇس بولۇشقائۈندەيدۇ. مانا بۇنداق كىشىلەر يامانلىققا قارشى تۇرۇشقا قادىر بولالايدۇ، بۇ يولدا دۇچ كىلىدىغانبارلىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭەلەيدۇ. ياخشىلىقنىڭ غالىپ كېلىدىغانلىقى،يامانلىقنىڭ ھامان زاۋاللىققا يۈزلىنىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۈمىدىنى يوقاتمايدۇ.

بەزى كىشىلەر نەپسى شەھۋىتىگە ئەگىشىدۇ، ئۆز نەپسىدىكى رەزىللىكلەرنى پەزىلەتلىك ئەمەللەر بىلەن توختىتىشتىن ئاجىز كېلىدۇ، ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ نۇرغۇن بۇيرۇقلىرىنى زايە قىلىۋېتىدۇ. شەيتانغا قارشى تۇرۇشتىن ئاجىز كېلىپ، ياخشىلىق ھامان غالىپ بولىدىغانلىقى توغرىسىدىكى ئۈمىدىنى يوقىتىدۇ.بۇنىڭدىكى سىر شۇكى، ئىنسان ئاللاھنىڭ ھىدايىتىگە نائىل بولۇش ۋە ئۇنىڭ تەقەززاسى بويۇنچە ھايات كەچۈرۈش ئۈچۈن نەپسى-خاھىشىنىڭ قارشىسىدا دادىللىق بىلەن كۆرەش قىلىشى لازىم. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَالَّذِينَ جَاهَدُوا فِينَا لَنَهْدِيَنَّهُمْ سُبُلَنَاتەرجىمىسى: بىز ئۈچۈن كۈرەش قىلغانلارنى ئەلۋەتتە يولىمىزغا يېتەكلەيمىز. [سۈرە ئەنكەبۇت 69-ئايەت].

نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىش توغرىسىدا ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ "پەۋائىد" ناملىق ئەسىرىدەئەڭ گۈزەل ئىبارىلەرنى زىكىر قىلىدۇ: "ئى سەۋرىگە قەدەم باسقۇچى!،ئىبادەتنىڭ لەززىتىنىئېسىڭگە ئالغىنىڭدا،ھەق ئۇستىدە مۇستەھكەم تۇرۇش يولىداكۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىڭنىڭ مۇشەققىتى كۆزۈڭگە كۆرۈنمەيدۇ".

يەنە ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھمۇنداق دەيدۇ: "كۆرەش قىلىش ئىكىنزارلىقىغا چىقىپ،ئۇرۇق سېلىشقا تېرىشقىن، پۇشايمانلىق كۆچىتىنى كۆز ياشلىرىڭ بىلەن سۇغارغىن، كۆچەت كۆكلىگەندە سەنمۇ ئەسلىڭگە قايتقىن". [بەدائىئ ئەلپەۋائىد 3-توم 742-بەت].

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ"تەرىق ئەلھىجرەتەين" ناملىق ئەسىرى 1-توم 460-بەتتە مۇنداق بايان قىلىدۇ: "ياخشى كۆرۈش دېگەن ئاللاھنىڭ بۇيرۇقلىرىنى ئادا قىلىش ۋە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ سۈننەتلىرىگە ئەگىشىشتە سەمىمى تىرىشچانلىق كۆرسىتىشتىن ئىبارەتتۇر".

ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ "سەبىر قىلغۇچىلارنىڭ قورالى" ناملىق ئەسىرى 46-بەتتە مۇنداق بايان قىلىدۇ: "نەپسىگە قارشى كۆرەش قىلىشنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ دىنى تەرەپكە بولغان رىغبىتى ئاجىزلايدۇ، نەپسى-شەھۋەت تەرەپكە بولغان رىغبىتى كۈچلىنىدۇ. نەپسىنى ھاۋايى-ھەۋىسىگە قارشى تۇرۇشقا ئادەتلەندۈرىدىكەن، خالىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭدىن غالىپ كېلەلەيدۇ".

تىرىشچان مۆمىن ياخشىلىقنىڭ مەڭگۈ داۋاملىشىدىغانلىقى، مۇسىبەتنىڭ قايسى تۈرى بولىشىدىن قەتئىي نەزەر، زۇلۇم ھەرقانچە قاتتىق بولسۇن، يامانلىق ھۆكۈمران بولۇپ ھەرقانچە چېكىدىن ئاشسىمۇ ياخشىلىقنىڭ ھامان غالىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەل مۇنەججىد