پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قۇربانلىق قېلىنغان ئۇلاغنىڭ گۆشلىرىنى ئۆزى ئىستىمال قىلىش ۋە سەدىقە قىلىشتىكى تەقسىمات توغرىسىدا

سۇئال

قۇربانلىق قېلىنغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنى ئۈچكە ئايرىپ تەقسىم قىلىش توغرىسىدا بايان قېلىنغان سەھىھ ھەدىسنى بايان قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

     قۇربانلىق قېلىنغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنى سەدىقە قېلىش، يېيىش ۋە ساقلاپ ئىستېمال قىلىشقا بۇيرۇغانلىقى توغرىسىدا ھەدىسلەر بايان قېلىندى، بۇ ھەدسلەردىن: ئىمام بۇخارى ۋە ئىمام مۇسلىم ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن نەقىل قىلغان ھەدىستە، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ دەۋرىدە قۇربان ھېيت ۋاقتىدا مەدىنە ئەتراپدا ياشايدىغان سەھرالىق كىشىلەر مەدىنىگە كىلىشكە ئالدىرايتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ساھابىلارغا: قۇربانلىق قېلىنغان ئۇلاغلارنىڭ گۆشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلىماڭلار، قالغانلىرىنى سەدىقە قېلىۋىتىڭلار دېدى، يەنە بىر يىلى بولغاندا، ئۇلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! كىشىلەر بۇ يىل قۇربانلىق قىلغان ئۇلاغنىڭ تېرىلىرىنى تۇلۇم قىلىپ، مايلىرىنى ئېرىتىپ ئىشلىتىۋاتىدۇ؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۇنداق قىلسا نېمە بولۇپتۇ؟ دېگەن ئىدى، ئۇلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! سىلە ئۆتكەن يىلى قۇربانلىق قېلىنغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلاپ يېيىشتىن چەكلىگەن ئىدىلە؟ دېگەن ئىدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: ئۆتكەن يىلى قۇربان ھېيت ۋاقتىدا مەدىنە ئەتراپىدىكى كەمبەغەل كىشىلەر كەلگەنلىكى ئۈچۈن قۇربانلىق قېلىنغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلىماي يەڭلار، ئاشقانلىرىنى سەدىقە قىلىۋېتىڭلار دېگەن ئىدىم، بۇ يىل ئۆزۈڭلار يەڭلار ۋە خالىغانچە ساقلاڭلار دېدى. [مۇسلىم رىۋايىتى 3643-ھەدىس].

   پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ: ئۆتكەن يىلى قۇربان ھېيت ۋاقتىدا مەدىنە ئەتراپىدىكى كەمبەغەل كىشىلەر كەلگەنلىكى ئۈچۈن قۇربانلىق قېلىنغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلىماي يەڭلار، ئاشقانلىرىنى سەدىقە قىلىۋېتىڭلار دېگەن ئىدىمدېگەن بۇ سۆزى، ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلىماسلىق دېگەن چەكلىمىنىڭ شۇ يىلىدىن كېيىن ئەمەلدىن قالغانلىقىنى، ئەمما يېيىشكە ۋە سەدىقە قېلىشقا بولغان بۇيرۇقنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى ئوچۇق ئىپادىلەيدۇ، شافىئى مەزھەپ ئۆلىمالىرىنىڭ قارىشىغا كۆرە، ئۆز ئىختىيارى بىلەن قېلىنغان قۇربانلىق بولسا بۇنىڭ كۆپ قىسمىنى سەدىقە قىلىۋېتىش ياخشى بولىدۇ. ئەڭ مۇكەممەل بولغىنى ئۈچتىن بىر قىسمىنى يېيىش، ئۈچتىن بىر قىسمىنى سەدىقە قېلىش ۋە قالغان ئۈچتىن بىر قىسمىنى ھەدىيە قىلىشتۇر. بەزىلەر: يېرىمىنى يېيىش ۋە قالغان يېرىمىنى سەدىقە قىلىش ياخشى دەيدۇ، ئومۇمەن ئەھۋالغا قاراپ ئىش قىلىش ياخشى بولىدۇ، سەدىقە قىلىش مەسىلىسىدىمۇ، كۆپ بولسا چەكلىمە يوق ئاز بولغاندا سەدىقە قىلدى دېگەن سۆزگە مۇۋاپىق بولسا بولىدۇ، ئەمما يېيىش مەسىلىسىگە كەلسەك: مۇتلەق يېيىش كېرەك ئەمەس، يېسە ياخشى بولىدۇ، كۆپچىلىك ئۆلىمالار ئاللاھ تائالانىڭ قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يەڭلار دېگەن ئايىتىنى چۈشەندۈرۈپ: يەڭلار دېگەن بۇيرۇق، چەكلىمىدىن كېيىن كەلگەنلىكى ئۈچۈن يېيىشنىڭ توغرا ياكى ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ دەيدۇ.

    ئىمام مالىك رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "يېيىش، سەدىقە قىلىش ۋە باي-كەمبەغەللەرگە يېمەك قىلىپ بېرىشنىڭ ھېچ بەلگىلىمىسى يوق، خالىسا خام ھالەتتە بەرسۇن، خالىسا پىشۇرۇپ بەرسۇن ئوخشاش. [كاپى 1-توم 424-بەت].

     ئىمام شافىئى رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ئەڭ ياخشىسى قۇربانلىق قېلىنغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنىڭ كۆپ قىسمىنى سەدىقە قىلىش ياخشى بولىدۇ".

    شافىئى مەزھىپىدىكى ئۆلىمالار: ئەڭ ياخشى بولغىنى ئۈچتىن بىرىنى يېيىش، ئۈچتىن بىرىنى ھەدىيە قىلىش ۋە قالغان ئۈچتىن بىرىنى ھەدىيە قىلىش ياخشى بولىدۇ دەيدۇ، بەزىلەر يېرىمىنى يېيىش ياخشى بولىدۇ دەيدۇ، ئەڭ توغرا بولغىنى بەزىسىنى سەدىقە قىلىشتۇر. [نەيلىل ئەۋتار 5-توم 563-بەت].

     ئىمام ئەھمەد رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "بىز، ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن نەقىل قىلىنغان: ئۈچتىن بىرىنى يەيدۇ، ئۈچتىن بىرىنى مېھمانلارغا يېمەك قىلىپ بېرىدۇ ۋە قالغان ئۈچتىن بىرىنى كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىدۇ دېگەن ھەدىسكە ئەمەل قىلىمىز. بۇ ھەدىسنى ئەبۇ مۇسا ئىسپاھانىي "ۋەزائىپ" دېگەن كىتابتا بايان قىلىپ ھەسەن دېگەن. ئىبنى مەسئۇد ۋە ئىبنى ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇلارمۇ شۇنداق دېگەن. ساھابىلارنىڭ ھېچ بىرىنىڭ بۇ ئىككەيلەننىڭ سۆزىگە قارشى سۆز قىلىنغانلىقى بىلىنمىگەن. [مۇغنى 8-توم 632-بەت].

ئۆلىمالارنىڭ قۇربانلىقتىن سەدىقە قىلىش زۆرۈر بولغان مىقداردا ئىختىلاپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى، بۇ توغرىدا بايان قىلىنغان رىۋايەتلەرنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىدىندۇر. سەدىقە قىلىنىدىغان مەلۇم مىقدارنى بېكىتمىگەن بىر قانچە ھەدىسلەر بايان قىلىنغان بولۇپ، بۇرەيدە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: مەن سىلەرنى ئۆتكەن يىلى قۇربانلىق قېلىنغان ئۇلاغنىڭ گۆشىنى ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلىماسلىق، تۇرمۇشى ياخشى بولغانلار تۇرمۇشى ياخشى بولمىغانلارغا خەيرىخاھلىق قىلسۇن دېگەن ئىدىم، ئەمدى خالىغانچە يەڭلار، باشقىلارغا يېمەك قىلىپ بېرىڭلار ۋە ساقلاپ قويۇڭلاردېدى. [تىرمىزى رىۋايىتى1430-ھەدىس].

    ئىمام تىرمىزى مۇنداق دەيدۇ: بۇ ھەسەن بولغان سەھىھ ھەدىس بولۇپ، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرى ۋە ئۇلاردىن كېيىنكى ئىلىم ئىگىلىرى بۇ ھەدىسكە ئەمەل قىلغان.

     ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ مۇھەممەد سالىھ ئەلمۇنەججىد