پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى يېيىش ۋە تەقسىم قېلىش توغرىسىدا

سۇئال

قۇربانلىق گۆشنى قانداق قىلىمىز؟ ئۇنى ئۈچكە تەقسىم قىلامدۇق ياكى تۆتكىمۇ؟، بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

قۇربانلىق قىلغۇچى قۇربانلىقنىڭ گۆشىدىن يەيدۇ، ھەدىيە قىلىدۇ ۋە سەدىقە قىلىدۇ، بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: فَكُلُواْ مِنْهَا وَأَطْعِمُواْ الْبَآئِسَ الْفَقِيرَ تەرجىمىسى: سىلەر قۇربانلىقىڭلارنىڭ گۆشىدىن يەڭلار، موھتاجغا، پېقىرغا بېرىڭلار [ھەج سۈرىسى: 28-ئايەت]. ئاللاھ تائالا يەنە مۇنداق دېگەن: َكُلُواْ مِنْهَا وَأَطْعِمُواْ الْقَانِعَ وَالْمُعْتَرَّ كَذلِكَ سَخَّرْنَاهَا لَكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ تەرجىمىسى: ئۇلارنى يەڭلار، قانائەتچان موھتاجلارغا ۋە سائىللارغا بېرىڭلار، سىلەرنى شۈكۈر قىلسۇن دەپ ئۇ تۆگىلەرنى سىلەرگە بويسۇندۇرۇپ بەردۇق[ھەج سۈرىسى: 36-ئايەت].

سەلەمە ئىبنى ئەكۋەئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: يەڭلار، باشقىلارغا يىگۈزۈڭلار ۋە ساقلاپ قويۇڭلار دېگەنلىكى رىۋايەت قىلدى. بۇخارى رىۋايىتى. "يىگۈزۈش" بايلارغا ھەدىيە ۋە كەمبەغەللەرگە سەدىقە قىلىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ، ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ: يەڭلار، ساقلاپ قويۇڭلار ۋە سەدىقە قىلىڭلار دېگەنلىكى رىۋايەت قىلىندى. [مۇسلىم رىۋايىتى].

ئۆلىمالار -ئاللاھ ئۇلارغا رەھمەت قىلسۇن- قۇربانلىقتىن يەيدىغان، ھەدىيە قىلىنىدىغان ۋە سەدىقە قىلىنىدىغان گۆشنىڭ مىقدارى توغرىسىدا ھەر خىل قاراشتا بولدى، بۇ مەسىلىدە ئىش كەڭرىچىلىك بولسىمۇ، تاللانغان قاراش: ئۈچتىن بېرىنى يېيىش، ئۈچتىن بېرىنى ھەدىيە قىلىش ۋە ئۈچتىن بېرىنى سەدىقە قېلىشتۇر، ئۇنىڭدىن يېيىش توغرا بولغانلىرىنى ساقلاپ قويۇشمۇ توغرا بولىدۇ، ئەگەر گۆش بۇزۇلۇپ قالمىسا ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ يېسىمۇ بولىدۇ، لېكىن ئاچارچىلىق يىللىرى بولۇپ قالسا، ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلاش توغرا بولمايدۇ، بۇ توغرىدا سەلىمە ئىبنى ئەكۋەئ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بايان قىلغان ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: سىلەردىن قۇربانلىق قىلغانلار گۆشنى ئۆيدە ئۈچ كۈندىن ئارتۇق ساقلىمىسۇن دېگەن، كىلەر يىلى ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! گۆشنى بۇ يىلمۇ ئۆتكەن يىلغا ئوخشاش قىلامدۇق؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: يەڭلار، باشقىلارغا بېرىڭلار ۋە ساقلاپ قويۇڭلار، ئۆتكەن يىلى كىشىلەر ئارىسىدا ئاچارچىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن قۇربانلىقتا ياردەم بېرىشىڭلارنى خالىغان ئىدىم دېدى. [بىرلىككە كەلگەن ھەدىس].

قۇربانلىق ۋاجىپ بولسۇن ياكى نەپلە بولسۇن، ھايات كىشىدىن قىلىنغان بولسۇن ياكى ئۆلۈپ كەتكەن كىشى ئۈچۈن قىلىنغان بولسۇن ياكى ۋەسىيەت ئۈچۈن قېلىنغان بولسۇن، ئۇنى يېيىش ۋە ھەدىيە قىلىشنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق، چۈنكى ۋەسىيەت قىلىنغۇچى ۋەسىيەت قىلغۇچىنىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ، يەيدۇ، ھەدىيە قىلىدۇ ۋە سەدىقە قىلىدۇ، چۈنكى بۇ كىشىلەر ئارىسىدا داۋاملىشىۋاتقان ئۆرپ بولۇپ، ئۆرپتە داۋاملىشىۋاتقان ئىش ھۆكۈمى سۆزلەنگەن ئىشقا ئوخشايدۇ.

ئەمما ۋەكىل قىلغۇچى ۋەكىلگە يېيىش، ھەدىيە قىلىش ۋە سەدىقە قېلىشىغا رۇخسەت قىلغان بولسا، ياكى شارائىت ياكى ئۆرپ شۇنداق بولسا ۋەكىلمۇ شۇنداق قىلىدۇ، ئۇنداق بولمىسا ۋەكىل قۇربانلىقنىڭ گۆشىنى ئۆزىنى ۋەكىل قىلغان كىشىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ، ئۇ ئۆزى ئۈلەشتۈرىدۇ.

قۇربانلىقنىڭ گۆشى، باشقا ئەزالىرى ھەتتا تېرىسىنىمۇ سېتىش چەكلىنىدۇ، شۇنىڭدەك قاسساپقا ئىش ھەققى بەدىلىگە قۇربانلىقتىن بىرەر نەرسىنى بەرمەيدۇ، چۈنكى ئۇ ساتقاننىڭ ئورنىدا تۇرىدۇ.

ئەمما قۇربانلىقتىن بىرەر نەرسە ھەدىيە قېلىنغان ياكى سەدىقە قېلىنغان كىشى ئۇنى خالىغانچە بىر تەرەپ قىلسا، ھەتتا ساتسىمۇ دۇرۇس بولىدۇ، لېكىن بۇنى ھەدىيە قىلغان ياكى سەدىقە قىلغان كىشىنىڭ ئۆزىگە ساتسا بولمايدۇ.

ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى