سەيشەنبە 7 شەۋۋال 1445 - 16 ئاپرىل 2024
Uygur

قۇربانلىق قىلىشقا ۋەكىل قىلىنغان كىشى زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىنمۇ چاچ ۋە تىرناقلىرىنى ئالسا بولىدۇ

سۇئال

بىر كىشى مېنى ۋاكالەتەن قۇربانلىق قىلىشقا تەيىن قىلدى، مەن زۇلھەججە ئېيى كىرگەندىن كېيىنمۇ چېچىمنى ۋە تىرناقلىرىمنى ئالسام بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىم بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت سالاملىرى بولسۇن.

    ھەئە دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى چاچ ۋە تىرناق ئېلىشتىن چەكلىنىش پەقەت مالنىڭ ئىگىسى بولغان قۇربانلىق قىلىدىغان كىشىگە خاس بولىدۇ، ئەمما ۋەكىل قىلىنغان كىشى بۇنىڭدىن چەكلەنمەيدۇ.

    شەيخ ئىبنى باز رەھىمەھۇللاھ مۇنداق دەيدۇ: "ۋەكىل دېگەن قۇربانلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆزى ئەمەس، قۇربانلىق قىلغۇچى دېگەن شۇ كىشىنى ۋەكىل قىلغان كىشى، شۇنىڭ ئۈچۈن ۋەكىل قىلىنغان كىشىگە چەكلىمە بولمايدۇ. "ئىسلام پەتىۋالىرى"2-توم 316-بەت.

    ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى