شەنبە 11 شەۋۋال 1445 - 20 ئاپرىل 2024
Uygur

ئويۇنلار ئارىسىدا ھالال بىلەن ھارام توغرىسىدا

22305

تارقاتقان ۋاقىت : 05-12-2020

كۆرگۈچىلەر : 1774

سۇئال

   مەن: «شىشخال ئوينىغان كىشى قولىنى چوشقىنىڭ گۆشى بىلەن قېنىغا بويىغان بولدى» دېگەن ھەدىسنى ۋە مەنىسى بۇنىڭغا يېقىن بولغان: «شىشخال ئويناش ھارام» دېگەن ھەدىسنى ئوقۇدۇم، مەندە مۇھىم ئىككى سوئال پەيدا بولدى، ئۇ: بارلىق ئويۇنلار ھەتتا پايدىلىق بولسىمۇ شۇنداقمۇ؟ بولۇپمۇ بۇ يەردە شىشخالغا تايىنىدىغان ئىسلامى ئويۇنلار بار، مۇشۇ ئويۇنلارنىڭ ھەممىسىنى ئويناش چەكلىنەمدۇ ياكى چەكلىمە بەزى خاس ئويۇنلاردا بولامدۇ؟. بۇ مەسىلىنى چۈشەندۈرۈپ تەپسىلى جاۋاپ بېرىشىڭلارنى سورايمەن؟.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھقا خاستۇر. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرى ۋە ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت ۋە سالاملىرى بولسۇن.

    ئويۇن ئىككى قىسىم بولىدۇ:

    بىرىنچى قىسمى: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا ياردىمى بولىدىغان ئويۇنلار، قولى بىلەن ئۇرۇش قىلىدىغان ياكى تىلى بىلەن قىلىدىغان جىھاد بولسۇن ئوخشاش، سۇ ئۈزۈش، ئوق ئېتىش، ئات مىنىش، تۈرلۈك شەكىلدىكى ماھارەت ئۆستۈرۈشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدىغان ئويۇنلار، شەرئى ئىلىم-مەرىپەت، پەن-تېخنىكا ۋە تۈرلۈك شەكىلدى تىكنولۇجىيە بىلىملىرى قاتارلىقلار، مۇشۇ ئويۇنلار ياخشى نىيەت بىلەن ۋە دىنغا ياردەم  بېرىشنى مەقسەت قىلسا بۇنىڭغا ئەجىر بېرىلىدۇ ۋە ياخشى بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «ئەدنان ئەۋلادلىرى! ئوق ئېتىشنى ئۆگىنىڭلار، ھەقىقەتەن سىلەرنىڭ ئەجدادىڭلارمۇ مەرگەن ئېدى.» بۇ ھەدىس ئوق ئېتىشقا ئوخشاش ئويۇنلارنىمۇ ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

   ئىككىنچى قىسمى: ئاللاھ يولىدا جىھاد قىلىشقا ياردىمى بولمايدىغان ئويۇنلار، بۇ ئويۇنلارمۇ ئىككى تۈرلۈك بولىدۇ:

بىرىنچى تۈرى: دىندا چەكلىمە كەلگەن ئويۇنلار، شىشخالغا ئوخشاش سوئالدا بايان قىلىنغان ئويۇنلار، مۇسۇلمان كىشى بۇنداق ئويۇنلاردىن يىراق تۇرۇشى كېرەك.

    ئىككىنچى تۈرى: دىندا بۇيرۇق ياكى چەكلىمە كەلمىگەن ئويۇنلار، بۇ ئويۇنلارمۇ ئىككىگە ئايرىلىدۇ:

    بىرىنچىسى: چەكلەنگەن نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالغان ئويۇنلار، ھەيكەل، جانلىق سۈرەت ياكى مۇزىكىلىق ئويۇنلار، كىشىلەر ئوينىسا بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش-جېدەلگە ئېلىپ بارىدىغان، سەت گەپ-ناچار ھەرىكەتلەرگە سەۋەپ بولىدىغان ئويۇنلار بولۇپ، بۇ چەكلەنگەن ئويۇنلاردا چەكلەنگەن نەرسىلەر بولغانلىقى ياكى چەكلەنگەن ئىشقا سەۋەپ بولىدىغانلىقى ئۈچۈن چەكلىنىدۇ، ھەر قانداق ئىش كۆپ ۋاقىتتا چەكلەنگەن ئىشقا سەۋەپ بولىدىكەن ئۇنى تەرك قىلىش كېرەك.

    ئىككىنچى: چەكلەنگەن نەرسىلەرنى ئۆز ئېچىگە ئالمايدىغان ۋە كۆپ ۋاقىتتا ئۇنىڭغا سەۋەپ بولمايدىغان ئويۇنلار، بۇ بىز تىلىۋىزۇر كۆپ كۆرىدىغان پۇتبول، ۋالىبول، ۋاسكىتبول، تىكتاك توپ، پەي توپ قاتارلىقلار بولۇپ، بۇ ئويۇنلار مۇنداق شەرتلەر بىلەن دۇرۇس بولىدۇ:

    بىرىنچى شەرت: قىماردىن خالى بولىشى، ئىككى گۈرۈپ ئارىسىدا بىر نەرسە تىكىشىدىغان ئىش بولماسلىقى.

    ئىككىنچى شەرت: ۋاجىپ بولغان ئاللاھنىڭ زىكرىدىن، نامازلاردىن، تائەت-ئىبادەتلەردىن ۋە ئاتا-ئانىغا ياخشىلىق قىلىش قاتارلىق ئىشلاردىن چەكلەپ قويمايدىغان بولىشى كېرەك.

   ئۈچىنچى شەرت: توپ ئوينىغۇچى ئۆزىنىڭ ھەممە ۋاقتىنى ئەمەس بەلكى كۆپ ۋاقتىنىمۇ ئويۇنغا سەرپ قىلماسلىق ياكى كىشىلەر ئارىسىدا توپچى، بۇنىڭ ئىش توپ ئويناش دېگەندەك نامغا قالماسلىقى كېرەك. چۈنكى بۇنداق كىشىگە ئاللاھ تائالانىڭ مۇنۇ ئايىتىنىڭ توغرا كېلىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمىز:  الَّذِينَ اتَّخَذُوا دِينَهُمْ لَهْوًا وَلَعِبًا وَغَرَّتْهُمُ الْحَيَاةُ الدُّنْيَا فَالْيَوْمَ نَنْسَاهُمْ كَمَا نَسُوا لِقَاءَ يَوْمِهِمْ هَذَا وَمَا كَانُوا بِآيَاتِنَا يَجْحَدُونَ  تەرجىمىسى: «كاپىرلار دىنلىرىنى مەسخىرە ۋە ئويۇنچۇق قىلىۋالدى، ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىدى، ئۇلارنىڭ بۈگۈنكى كۈنگە مۇلاقات بولۇشنى ئۇنتۇغانلىقلىرى ۋە بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلىقلىرىغا ئوخشاش، بىز بۈگۈن ئۇلارنى ئۇنتۇيمىز (يەنى ئۇلارنى دوزاختا قالدۇرىمىز).» [سۈرە ئەئراپ 51-ئايەت].

    ئاخىرىقى شەرت: بۇنىڭ ئوچۇق بەلگىلىمىسى يوق، لېكىن ئىشنى مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆرپ-ئادىتىگە قويىمىز، ئادەتتىن بەك ئېشىپ كەتسە چەكلىنىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئۆزىنىڭ ئويۇن ئويناش ۋاقتى بىلەن خىزمەت ۋاقتىدا بەلگىلىمە قويۇشى كېرەك، ۋاقتىنىڭ يېرىمى ياكى ئۈچتىن بىرى ياكى تۆتتىن بىرى ئويۇن بىلەن كېتىپ قالسا بۇ بەك كۆپ ۋاقىت دېمەكتۇر. ئاللاھ تائالا ھەممىدىن ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: شەيخ خالىد ماجىد. ئىمام مۇھەممەد ئىبنى سەئود ئۇنىۋېرسىتى شەرىئەت پاكۇلتېتى ئوقۇتقۇچىسى.