جۈمە 19 رامىزان 1445 - 29 مارت 2024
Uygur

ئۇزۇن مۇساپىلىك مارىپۇنچە يۈگرەش مۇسابىقىگە قاتنىشىشنىڭ ھۆكمى توغرىسىدا

218489

تارقاتقان ۋاقىت : 23-11-2022

كۆرگۈچىلەر : 521

سۇئال

    ئۇزۇن مۇساپىلىك مارىپۇنچە يۈگرەش مۇسابىقىگە قاتنىشىپ ئۇلار بەرگەن مۇكاپاتنى ئالمىسام، يۈگۈرۈش جەريانىدا نامازنى ۋاقتىدا ئادا قىلغان ھالەتتە بۇ مۇسابىقىگە قاتناشسام توغرا بولامدۇ؟.  بۇ ھەقتەچۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بۇ مۇسابىقە مۇنداق ئىككى تۈرلۈك ھالەتتە بولىدۇ:

    بىرىنچى ھالەت:  بۇ مۇسابىقە چەكلەنگەن ئىشلاردىن، ئەۋرەتلىرىنى ئېچىشتىن خالى بولىشى كېرەك، بۇ مۇسابىقە بېرىلىدىغان مۇكاپاتلارمۇ قىماردىن خالى بولىشى، مۇسابىقىگە قاتنىشىش پۇلسىز بولۇش، مۇسابىقىگە قاتنىشىش بەدىلىگە بىر نەرسە ئۆتىمەسلىك كېرەك. مۇشۇنداق ھالەتتە بولسا، بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ۋە بەرگەن مۇكاپاتنى ئېلىش توغرا بولىدۇ. 

    ئىككىنچى ھالەت:  بۇ مۇسابىقە ئەۋرەتنى ئېچىش ۋە قىمار قاتارلىق شەرىەئەتتە چەكلەنگەن بەزى ئىشلارنى ئۆز ئېچىگە ئالغان بولسا، بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئېشتىراك بەدىلى ئۆتەلگەن بولسا، بۇنداق ھالەتتە بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىشمۇ ۋە بەرگەن مۇكاپاتنى ئېلىشمۇ توغرا بولمايدۇ، چۈنكى ئېشتىراك ھەققى تۆلەپ بۇ مۇسابىقىگە قاتنىشىش بولسا ئاسىيلىق-گۇناھقا ئورتاق بولغانلىق ۋە ياردەم بەرگەنلىكتۇر. بۇ توغرىدا ئاللاھ تائالا مۇنداق دەيدۇ: وَتَعَاوَنُوا عَلَى الْبِرِّ وَالتَّقْوَى وَلَا تَعَاوَنُوا عَلَى الْإِثْمِ وَالْعُدْوَانِ وَاتَّقُوا اللَّهَ إِنَّ اللَّهَ شَدِيدُ الْعِقَابِ تەرجىمىسى: «ياخشى ئىشقا ۋە تەقۋادارلىققا ياردەملىشىڭلار، گۇناھقا ۋە زۇلۇمغا ياردەملەشمەڭلار، ئاللاھ (نىڭ ئازابى)دىن قورقۇڭلار، ئاللاھنىڭ ئازابى ھەقىقەتەن قاتتىق.»[سۈرە مائىدە  2 -ئايەت.]

     چۈنكى مۇسۇلمان ئۈچۈن شەرىئەت چەكلەنگەن بىر ئىشنى كۆرسە ئۇنىڭغا ئورتاق بولماستىن بەلكى كۈچىنىڭ يېتىشچە ئۇنى ئىنكار قىلىشى كېرەك بولىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «سىلەردىن كىمكى شەرىئەتتە چەكلەنگەن بىر مۇنكەر ئىشنى كۆرسە ئۇنى قولى بىلەن ئۆزگەرتسۇن ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا، تىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن ئەگەر ئۇنىڭغا قادىر بولالمىسا دىلى بىلەن ئۆزگەرتسۇن، ئاشۇ ئىماننىڭ ئەڭ ئاجىزلىقىدۇر.»[ مۇسلىم رىۋايىتى 78-ھەدىس].

    ئاللاھ تائالادىن سىزنى توغرا يولغا مۇۋەپپەق قىلىشنى سورايمىز.

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى