پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

مۇسۇلمان بولمىغان كىشى بىلەن سودا قىلىش توغرىسىدا

214856

تارقاتقان ۋاقىت : 16-10-2022

كۆرگۈچىلەر : 744

سۇئال

   سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغۇچى بىلەن دېيىشكەن سودىغا ئاساسەن، بىر ئۆينى سېتىۋېلىشقا مۇسۇلمان بولمىغان بىر كىشى مەبلەغ سالغان بولسا، ئۇنىڭغا قانۇنىي يول بىلەن ئىگە بولۇپ، ئىگىدارچىلىقىغا ئۆتكەن بولسا،  ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ ئۆينى ماڭا پايدا ئىلىپ نېسى ساتقان بولسا، بۇ شەرىئەتتە توغرا بولامدۇ ياكى بۇنداق سودا ئىسلام بانكىسى تەرىپىدىن بولىشى كېرەكمۇ؟.  بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

    بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

    بىرىنچى: سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغۇچى بىلەن پايدا ئىلىپ سېتىشنىڭ ھۆكمى ئىلگىرى بايان قىلىندى، بۇ سودىنىڭ توغرا بولىشى مۇنداق ئىككى تۈرلۈك شەرتكە ئاساسەن بولىدۇ:

    1-بانكا ياكى شىركەت ئۆيگە قىزىققۇچى ۋە تەلەپ قىلغۇچىغا سېتىشتىن بۇرۇن ئۆيگە ھەقىقى ئىگە بولىشى كېرەك.

  2- سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغۇچى كىشىگە سېتىشتىن بۇرۇن ئۆينى تاپشۇرۇپ ئېلىش تامام بولىشى كېرەك. 

    ئىككىنچى: يۇقىرىدا بايان قىلىنغان شەرتلەر تولۇق بولىدىكەن پايدا ئىلىش كېلىشىمى قېلىنىدىغان تەرەپنىڭ ئىسلام بانكىسى بولىشى شەرت قىلىنمايدۇ، ئەگەر تاۋارنى سېتىش ئۈچۈن مەبلەغ سالغۇچى مۇسۇلمان بولمىغان كىشى بولسا، ئۇنىڭ بىلەن سودا قىلسا بولىدۇ، چۈنكى كاپىرلار بىلەن ئىلىم-سېتىم مۇئامىلىسى قىلسا بولىدۇ، ئەگەر مۇسۇلمان كىشى ئۇلار بىلەن شەرىئەتتە دۇرۇس بولغان شەكىلدە مۇئامىلە قىلىدىكەن، بۇ ئايەتتە چەكلەنگەن كاپىرلانى دوست تۇتۇشنىڭ، ئۇلارنىڭ ماللىرىنى ھارام يەۋېلىشنىڭ ۋە ئۇلار بىلەن توغرا بولمىغان شەكىلدە مۇئامىلە قىلىشنىڭ قاتارىغا كىرمەيدۇ.

    ئىمام بۇخارى رەھىمەھۇللاھ ئۆزىنىڭ سەھىھ كىتابىدا: " مۇشرىكلار ۋە ئۇرۇش قىلىۋاتقان كاپىرلار بىلەن ئىلىم-سېتىم قىلىشنىڭ بابى" دەپ بىر باپنى بايان قىلىپ ئۇنىڭدا، ئابدۇراھمان ئىبنى ئەبۇ بەكىردىن بايان قىلىنغان مۇنۇ ھەدىسنى كەلتۈرگەن، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ: «بىر پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە ئىدۇق، ئۇزۇن چاچلىق بىر مۇشرىك قويلىرىنى ھەيدەپ كەلدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا: قويدىن بىرنى سېتىپ بېرەمسەن ياكى ھەدىيە قىلىپ بېرەمسەن؟ دېگەن ئىدى، ئۇ: ياق بەلكى سېتىپ بېرىمەن دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن بىر قوي سېتىۋالدى». [ بۇخارى رىۋايىتى 2216  -ھەدىس].

    ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: «پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر يەھۇدىيدىن نېسىگە يېمەكلىك سېتىۋېلىپ ئۇنىڭغا تۆمۈر كىيىمىنى گۆرۈگە قويغان». [بۇخارى رىۋايىتى2509-ھەدىس. مۇسلىم رىۋايىتى 1603-ھەدىس].

    ئىبنى دەقىق ئەل ئىيد ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھانىڭ ھەدىسىدىن ئېلىنغان پايدىلارنى زىكىر قىلىپ، بۇ ھەدىس كاپىرلار بىلەن  ئۇلارنىڭ توغرا بولمىغان مۇئامىلاتلىرىنى ئېتىبارغا ئالماستىن مۇئامىلە قىلىشنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ، دەيدۇ".   ["ئىھكامۇل ئەھكام" 2-توم 145-بەت.]

    ئىبنى بەتتال مۇنداق دەيدۇ: " كاپىرلار بىلەن ئۇلار مۇسۇلمانلارغا قارشى ئۇرۇشتا قوللىنىدىغان نەرسىلەردىن باشقا نەرسىلەردە مۇئامىلە قىلىش توغرا بولىدۇ".  [ئىبنى ھەجەرنىڭ"پەتھۇلبارى" 4-توم 410-بەت].

    سۆزنىڭ خۇلاسىسى:  سېتىۋېلىشنى تەلەپ قىلغۇچى بىلەن ئۇ كىشى مۇسۇلمان بولمىسىمۇ مۇئامىلىنىڭ ئەسلىنى دۇرۇس قىلىدىغان شەرىتلەر تولۇق بولغاندا پايدا ئىلىپ سودا قىلسا دۇرۇس بولىدۇ.  

    ھەممىدىن توغرىنى ئاللاھ تائالا ياخشى بىلگۈچىدۇر.

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى