پەيشەنبە 18 رامىزان 1445 - 28 مارت 2024
Uygur

ئېھراملىق كىشىنىڭ ماسكا تاقىشى توغرا بولامدۇ؟

سۇئال

   ئېھراملىق كىشى ماسكا تاقىسا توغرا بولامدۇ؟. بۇ ھەقتە چۈشەنچە بېرىشىڭلارنى سورايمەن.

جاۋاپنىڭ تىكىستى

  بارلىق گۈزەل ماختاشلار ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئاللاھ تائالاغا خاستۇر، پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ساھابىلىرىغا ئاللاھ تائالانىڭ رەھمەت-سالاملىرى بولسۇن.

   ئېھراملىق كىشى ماسكا تاقىسا توغرا بولىدۇ، بۇ خۇددى بۇرۇن ياللۇغى بار كىشى ماسكا تاقىغانغا ياكى قويۇق تۈتۈن بار جايدا ماسكا تاقىغانغا ياكى بەدپۇراق جايلاردىن ئۆتكەندە ماسكا تاقىغانغا ئوخشاش بىر بولۇپ، ماسكا تاقىسا بولىدۇ".

["شەيخ ئىبنى ئۇسەيمىن پەتىۋالار مەجمۇئەسى" 22-توم 13-131-بەت].

مەنبە: ئىسلام سوئال-جاۋاپ تورى